← Back to team overview

ubuntu-l10n-ug team mailing list archive

Uyghurchidiki Hemze

 

Bu mezmun bu yer
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=22610&page=9#pid167920 din elindi.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك،

بىزدىكى بۇ «جىدەل-ماجرا» بولسا «ﺌﻪ» نى بىر ھەرپ، ئۇ بولسا «ﻪ» ھەرىپىنىڭ يەنە
بىر خىل شەكلى دىگەن كۆز قاراش سەۋەبىدىن بولۇۋېتىپتۇ.

مەن بۇ ئەھۋالنى يەنە ئويلىنىپ، مۇنداق كۆز قاراشقا كەلدىم:

بىزدە ئاللىبۇرۇن بىر «ﻪ» ھەرىپى بار تۇرسا، بىز يەنە بىر، ئىككىنچى «ﻪ»
ھەرىپىگە ئېھتىياجلىقمۇ؟ ئېھتىياجلىق بولساق، نىمە ئۈچۈن ئېھتىياجلىق؟ بۇرۇن
بار بولغان «ﻪ» ھەرىپى قايسى ئېھتىياجىمىزدىن، قانداق چىقالماي قالدى؟

بۇ يەردىكى «ﺌ»، يەنى ھەمزە بەلگىسىنىڭ رولى بولسا ھەرگىزمۇ كېيىنكى «ﻪ»
ھەرىپىگە ئۇلىنىپ، ئۆزى ئۇلانغان سوزۇق تاۋۇشنىڭ «يەنە بىر شەكلىنى ياساش»
بولماستىن، بەلكىم، شۇ «سوزۇق تاۋۇشتىن بۇرۇن قىسقا توختاش» نى بىلدۈرىدىغان
«توختاش» بەلگىسىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن كېيىنكى «ﻪ» ھەرىپىگە تەۋە بولمايدۇ
ھەم تەۋە بولماسلىقى كېرەك. ئۇ ئۆزى تىلىمىزدىكى 8 سوزۇق تاۋۇشتىن مۇستەقىل
مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە تۇرغان ئالاھىدە بىر تىل ئېلېمېنتى.

شۇڭا ھەمزەنى تىلىمىزدا ھەرپ ياكى ھەرپ ياسىغۇچى دەپ ئويلىۋالساق تىلشۇناسلىق
نۇقتىسىدىن خاتالاشقان بولىمىز. «ﺌﻪ» نىمۇ بىر ھەرپ ياكى «ﻪ» ھەرىپىنىڭ يەنە
بىر شەكلى دەۋالساقمۇ خاتالاشقان بولىمىز. «ﺌﻪ» بولسا «ﺌ» ۋە «ﻪ» نىڭ
بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان «بىرلا» نەرسە بولماستىن، «مۇستەقىل، ئايرىم-ئايرىم،
ئىككى نەرسە» نىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ يېزىلىپ قېلىشى دەپ چۈشەنسەك توغرا
بولامدىكىن؟

بۇ يەردىكى تەھلىل پەقەت سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمزەگە قارىتىلغان. سۆز بېشىدىكى
ھەمزەنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قىلچىمۇ رولى يوق بىر نەرسىدۇر. سۆز بېشىدىكى ھەمزەنىڭ
ئۇيغۇر تىلىمىزغا قانداق، نىمە سەۋەپ بىلەن كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن ۋە بۇ
ھەقتە باش قاتۇرۇپ ئولتۇرغۇممۇ يوق.

شۇڭا «ﺌﻪ» نى «ﻪ» ھەرىپىنىڭ يەنە بىر شەكلى دەپ قارايدىغانلار، يۇقۇردىكى
پىكرىمگە پىكرىڭلارنى بېرىپ باقساڭلار.