← Back to team overview

ubuntu-l10n-ug team mailing list archive

Re: Win 7 diki Uyghurche Kunupka Taxtisi Heqqide Microsoft tin Deslepki Jawap

 

2010/5/31 Gheyret T. Kenji <gheyret@xxxxxxxxx>

> essalamueleykum,
>
> esimde qelishiche siziq uchun
> 0x2013 ishlitimiz dep UKIJ qarar qilinghan idi.
> bu yerde 0x2014 ke ozgirip qeliptu?
>
> Salam Bilen
> Gheyret T.Kenji
> 2010/06/01
>

Weeleykum essalam,

Towendikiler eyni waqittiki UKIJ ning qarari idi:

ھازىرغىچە يىغىلغان پىكىرلەرگە ئاسەسەن (ماڭا بەزى تەتقىقاتچىلار خەت
ئارقىلىقمۇ پىكىر بېرىپ يۇقىرىدىكى پىكىرلەرنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى)
بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇڭا
تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرىۋېتىپ، UKIJ فونتلىرىدا شۇ بويىچە ئىجرا قىلىپ
تۈزىتىشنى داۋاملاشتۇرايلى.

خۇلاسە:

1) ئۇيغۇرچە سىزىقنىڭ كودى 0x2014؛

2) ئۇيغۇرچە سىزىقچىنىڭ كودى 0x002d؛ Word تىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان
مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ 0x2013 بىلەن 0x002d ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ ياساشقا بولىدۇ،
ئەمما 0x2013 نى ئۇيغۇرچە سىزىقچىنىڭ كودى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

3) سىزىق ۋە سىزىقچىنى كىرگۈزىدىغان كونۇپكىلارنىڭ ئورنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش
(يۇقىرىدىكى يازمىلارغا قاراڭ) ؛

4) ئۇيغۇرچە فونتلاردىكى سىزىق ۋە سىزىقچىنى ئورنى بۇرۇنقى فونتلاردىكىدەك
ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ غولىغا ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى دائىمىي ئەزاسى
ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز

Mawu sizning shu waqittiki inkasingiz idi:

سالام كۆپچىلىك:
سىزىقچە ئۈچۈن (كىيىم-كېچەك دېگەندەك) 0x002d نى ئېلىشنى مەنمۇ قوللايمەن.
Word دا 0x002d نىڭ 0x2013 كە ئۆزگىرىپ كېتىشى ۋارىس ئەپەندى دەپ ئۆتكەندەك،«
كىيىم» نىڭ كەينىدىن «بوشلۇق» قويۇپ، ئاندىن «سىزىقچە» نى يېزىپ يەنە «بوشلۇق»
قويۇپ، «كېچەك» نىڭ يازغاندا كېلىپ چىقىدۇ. سىزىقچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە «بوشلۇق»
قويۇلمىسا سىزىقچە 0x2013 كە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
ئەسلى مېنىڭ قارىشىمچە «كىيىم-كېچەك» بىرلا سۆز بولۇپ، «سىزىقچە» نىڭ ئىككى
تەرىپىگە بوشلۇق قويۇش ئىملا قائىدىسىگە خىلاپ دەپ قارايمەن.
بوشلۇق قويۇلدى دېگەن گەپ بىر سۆز ئاخىرلاشتى دېگەن گەپ، شۇڭا سىزىقنىڭ ئىككى
تەرىپىگە بوشلۇق قويۇپ يېزىش ئادىتىنى تۈگىتەيلى.

سىزىق ئۈچۈن مەنمۇ ئۇيغۇرئېدىتتا 0x2014نى ئىشلىتىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىمەن،
كۇنۇپكا ئورنىمۇ يۇقىدا ۋارىس ئەپەندى دەپ ئۆتكەندەك بولىدۇ.

Yuqurdiki gepler shu waqitta Bilikke chaplan'ghan munasiwetlik temilardin
elindi. Bu temining adresi:

http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21514

Nawada Uyghurche font yoq kompyuterda bu elxetni oqushta qiynalsingizler,
qoshumche resimni korunglar. resimni hazir tutup yollidim.

Attachment: w1.png
Description: PNG image

Attachment: g1.png
Description: PNG image


References